loader

ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن

ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك - شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن

قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

قۇرئان ئاتا - بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ

بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئىمانغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئىمانغا باش ئەگمەيدۇ)

ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ

ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ

سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك اﷲ نى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (اﷲ نىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن

بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى - يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز

ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى

ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى

ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان اﷲ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى

ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك - شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز

بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى

ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى

ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز - نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (اﷲ قا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى

شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار

توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار

مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان اﷲ قا ئىبادەت قىلماي؟

مەن اﷲ تىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان اﷲ ماڭا بىرەر زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ

ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللادىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن

مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)»

(قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى

(قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقنى ۋە مېنى ھۈرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق

پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى

(اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى

ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ

ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ

ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتى كامىلەسىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر

بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق

ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (اﷲ نىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟

اﷲ (پۈتۈن ئەيىب - نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار

ئۇلارغا (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز - دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز - دە)، ئۇلار ناگاھان قاراڭغۇدا قالىدۇ

كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى اﷲ نىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر

ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ

كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ

ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ نەرسە - كېرەك ۋە ھايۋاناتلار بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق

بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق

ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ

پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ)

ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ)

پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ

ئەگەر ئۇلارغا: «اﷲ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر اﷲ خالىسا تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ

ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ

ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا - سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ

ئۇلار بىر - بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ

СЎНГГИ ЯНГИЛИКЛАР